ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قانۇنسىز ئەرمەن كۈچلىرىگە زەربە بەردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قانچە نۇقتىسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى، كونا ئاغدەرە ۋىلايىتىنىڭ ئۈستۈن ئوراتاغ ئاھالىلەر رايونىدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1863449
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قانۇنسىز ئەرمەن كۈچلىرىگە زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قانچە نۇقتىسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە كۈچلىرى ۋاقىتلىق كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان رايونلاردىكى قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن (4-ئاۋغۇست) قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاغ تىزمىسىنىڭ قىرىق قىز ئېگىزلىكىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ۋە ئۇ يەردە يېڭى نۇقتىلارنى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارشى «قىساس» نامى بېرىلگەن ھەربىي ھەرىكەتنى باشلاپ، كىچىك كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىنىڭ قاراباغغا جايلاشقان سارىبابا ۋە باشقا بىر قاتار ئېگىزلىكلەرنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە، قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قانچە نۇقتىسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى، كونا ئاغدەرە ۋىلايىتى ئوراتاغ ئاھالىلەر رايونىدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتە، قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا ئۆلۈم ۋە يارىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بىر قانچە دانە «D-30» تىپلىق يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەك، ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە نۇرغۇن قورال-ياراغلارنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە ئارمىيەسى ۋاقىتلىق كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان رايونلاردىن ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە قانۇنسىز ئەرمەن قورالىق كۈچلىرىنىڭ يوقىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، قەتئىيلىك بىلەن، ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ۋە ئىغۋاگەرچىلىكلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىىنستىرلىقى يەنە، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر