ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيە ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلوغلۇنى قوبۇل قىلدى.

1862786
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيە ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – ئۆزبېكىستان – ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، سودا ۋە قانتاش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ شەھەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلوغلۇ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە ھەيئىتى، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ يۆنىلىشلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر