جاپپاروۋ تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرىنى قوبۇل قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ 24 – نۆۋەتلىك تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالاھىدە خىزمەتلەر (TÜRKON) كونفېرانسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرىنى قوبۇل قىلدى.

1859503
جاپپاروۋ تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونفېرانسقا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدانمۇ ئىشتىراك قىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ،  چولپان – ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  24 – نۆۋەتلىك تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالاھىدە خىزمەتلەر كونفېرانسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، يېڭى دەۋر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، قىيىن ئۆتكەللەر ھەم خىرىسلارنى يېڭىشنىڭ يېڭىچە چارە – تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق خىزمەت ئىشلىگەن، ئورتاق ۋە ماسلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئاندىن بۇ قىيىن ئۆتكەللەر ۋە خىرىسلارغا قارشى  كۈرەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەن بۇ مۇنبەرنىڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئىجابىي مۇزاكىرىلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

كونفېرانسقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئارا قويۇق ئۇچۇر – ئالاقىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە خەلقئارالىق تېررورىزم، رادىكالىزىم ۋە باشقا يەر شارىۋى خىرىسلارغا قارشى پائال  كۈرەش قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جاپپاروۋ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ بۇ قىممەتلەرگە ئاساسەن تۈركىي قېرىنداش خەلقلەر بىلەن نەتىجىلىك بىر شەكىلدە ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالاھىدە خىزمەتلەر كونفېرانسى، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 1998 – يىلى 20 – ماي كۈنى ئىستانبۇلدا قورۇلغان.

 ئۆزبېكىستان، تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالاھىدە خىزمەتلەر كونفېرانسىغا 2018 – يىلى ئەزا  بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر