قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ئەلى ھامانىي بىلەن كۆرۈشتى

ئىراندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ۋە ھەمراھلىقىدىكى  ھەيئەت ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانىي بىلەن كۆرۈشتى.

1845685
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ئەلى ھامانىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ھامانىي بىلەن توقايېۋ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشكەن.  مۇزاكىرىگە پىرېزىدېنت ئىبراھىم رئىيسىمۇ قاتناشقان.

ھامانىي ئىران بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرگە دىققەتنى تارتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى رايوندىكى ھەر قايسى ساھەلەردە يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزئارا ماسلىشىشقا چاقىرىق قىلىپ،  بىرلەشمە كومىتېتنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەلى ھامانىي يەنە 24-فېۋرالدا رۇسىيە ئۇرۇش باشلىغان ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە غەربلىكلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كېڭەيتىشكە ۋە مۇمكىن بولغان ھەممىلا يەردە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ رەئىسىي بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئىران - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

توقايېۋ ئىران بىلەن قازاقىستاننىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ھامانىينىڭ ئىسلام پەيلاسوپى فارابى توغرىسىدا ئىلمىي كومىتېت قۇرۇش تەكلىپىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

توقايېۋ رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، 1-ئايدىكى نەتىجىسىز سىياسىي ئۆزگۈرۈش ئۇرۇنىشىدىن كېيىنكى قازاقىستاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ تۈنۈگۈن ئىران پىرېزىدېنتى رەئىيسى بىلەن كۆرۈشكەن، ئاندىن ئىككى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى ھەر قايسى ساھەلەردە 9 كېلىشىمنامە ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر