قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى
قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئىككى نەپەر چېگرا مۇداپىئە خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1837383
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مىللىي خەۋپسىزلىك دۆلەت كومىتېتى چېگرا مۇلازىمەتلىرى ئاخبارات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىداىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى باتكەن ناھىيەسى بۇلاق بېشى ئاھالىلەر رايونىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي ئىككى ئەسكەرنىڭ باتكەن رايونلۇق دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.