قاسىم جۆمەرت توقايېۋ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ قىرغىزىستاندا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1833077
قاسىم جۆمەرت توقايېۋ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن سادىر جاپپاروۋ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

سادىر جاپپاروۋ ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق سىياسىي قارىمۇ قارشىلىق يوق» دېدى.

ئۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ زىيارىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 –يىللىقىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بۈگۈن سىلەرنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمىتىڭلار بىلەن، قىرغىزىستاندا مۇھىم سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قىلىنىۋاتىدۇ. دۆلەتنى كۈچلەندۈرىدىغان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە قىرغىزىستاننىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقىڭلارنى قوللايمىز. قازاقىستان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

ئۇ سادىر جاپپاروۋنىڭ قازاقىستان بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن سادىر جاپپاروۋنىڭ ھۇزۇرىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاۋىياتسىيە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد ۋە تىرانسىپورت ساھەلىرىدە، شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر