چاۋۇشئوغلۇ قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئېنبېك كۇلۇبايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئېنبېك كۇلۇبايېۋنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ تېلېفون قىلدى.
كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەردىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
كۆرۈشۈشتە يەنە، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنىڭ پات ئارىدا قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. بۇلاردىن باشقا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئالىي كېڭىشى يىغىنىنى مۇشۇ يىل (2022) قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئېنبېك كۇلۇبايېۋ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى پەسەيتىش مۇساپىسىدە تۈركىيەنىڭ ئوينىغان ۋاستىچىلىق قىلىش رولىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.