قازاقىستاندا پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېۋغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان  بىر جاسۇس قولغا چۈشتى

قازاقىستاندا پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېۋ ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا سۇيىقەست قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر جاسۇس نازارەتكە ئېلىندى.

1806260
قازاقىستاندا پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېۋغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان  بىر جاسۇس قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالاھىدە قىسىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت دائىرىسىدە، پايتەخت نۇرسۇلتاندا چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر قازاقىستان پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر جاسۇسنىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتى ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندىن سىرت، بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشىمۇ تېرورلۇق ھەرىكىتى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرلدى.

بايانتتا، «تەكشۈرۈش پائالىيىتى نەتىجىسىدە، چەتئەلدە ياسالغان ئاۋازسىز مەرگەن مىلتىقى، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ۋە زور مىقداردا پۇللار قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ قوراللارنىڭ قازاقىستانغا ئالاھىدە كەسپىي ئۇستىلىق بىلەن پارچىلانغان ھالدا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى» دېيىلدى.

جاسۇسنىڭ قازاقىستاندا رۇسىيەگە قارشى تەشۋىقاتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازما تارقىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە رۇسىيەگە قارشى پىكىر پەيدا قىلىش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئادا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، «بۇ قازاقىستان پۇقراسى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى بىر چەت دۆلەتنىڭ يوليورۇقى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر