تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكستان يېزا ئىگىلىكىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ

تۈركىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئۆزبېكستان يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى جەمشىت خوجايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1776037
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكستان يېزا ئىگىلىكىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى ئۆزبېكستان زىيارىتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان پىلانلانغان ۋە ھازىردىن باشلاپلا نەتىجىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ناھايىتى ئۈنۈملۈك زىيارەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكار ھەمراھ بولدى.

پاكدەمىرلى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ زېمىن چوڭلۇقى جەھەتتە دۇنيادا 30-ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكىدە دۇنيادا ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ ئىچىگە كىرىشكە يۈزلەنگەن دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇھىم دەپ قارايدىغان مەزكۇر ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئۆزبېكستان بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت پىلانى ۋە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ھەرىكەت پىلانى تۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، زېمىن مەنبەلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە يېزا ئىگىلىكى تەتقىقاتى باش ئىدارىسىنىڭ ئۆزبېكستاندا بىر ئىشخانا ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە دېھقانلارنى قوللايدىغان سىستېمىنى ئۆزبېكستاندا ئىجرا قىلىشتا، ئۆزبېكستانغا تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۆزبېكستاندا بىرىنچى قەدەمدە، ئورمانچىلىق ساھەسىدە كۆچەتزارلىق ۋە تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرۇش سىستېمىلىرى ۋە سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ساھەلىرىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆزبېكستان بىلەن ئورتاقلىشىشنىمۇ خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكستان يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى خوجايېۋ تۈركىيە بىلەن يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە ئۈچ تېمىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ۋە تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكستان ئوتتۇرىسىدا يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە  ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن ھەرىكەت پىلانى، تۈركىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆزبېكستان يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا يېزا ئىگىلىكى تەتقىقاتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش خىتابنامەسى ۋە تۈركىيە-ئۆزبېكستان يېزا ئىگىلىكى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىن خاتىرىسى ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر