كەرىم مەسۇموۋ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ئۈستىدە ئىلاۋە تەكشۈرۈشلەر باشلاندى
قازاقىستاندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى كەرىم مەسىموۋ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ئۈستىدە «ھاكىمىيەتنى مەجبۇرىي قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش» تىن ئىلاۋە تەكشۈرۈش باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىدارىنىڭ سابىق رەئىسى كەرىم مەسىموۋ ھەققىدە «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن باشلانغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، كەرىم مەسۇموۋنىڭ سابىق مۇئاۋىنلىرى بولغان ئانۇار سادىقۇلوۋ ۋە دەۋلەت يەرگوجىننىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ كىشىلەر ھەققىدە، ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتىگە ئىلاۋە ھالدا ھاكىمىيەتنى مەجبۇرىي قولغا چۈشۈرۈش ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى بويىچە تەكشۈرۈش باشلاندى. تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، سابىق رەئىس كەرىم مەسۇموۋ بىلەن سابىق مۇئاۋىنلىرى ئانۇار سادىقۇلوۋ ۋە دەۋلەت يەرگوجىن تۇتۇلدى. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.»
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قارارى بىلەن 6-يانۋار (2022)، كەرىم مەسۇموۋ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى ۋە 8-يانۋار بىر قانچە كىشى بىرلىكتە دۆلەتكە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.