قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت يىغىن چاقىردى
قازاقىستاندا يېڭى مىنىستىرلار كېڭىشى باش مىنىستىر ئەلىخان ئىسمائىلوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۇنجى يىغىن چاقىردى.
1761583
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن 3 ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى بېكىتىلدى.
باش مىنىستىر ئىسمائىلوۋ، ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىلانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى قايتا تەشكىللەش ۋە ئارمىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا خۇلاسە قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.