قىرغىزىستاندا 7-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم بەردى

قىرغىزىستاندا 28-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدىن كېيىن، 7-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1754396
قىرغىزىستاندا 7-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنتىماك (ئىتتىپاق) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ساراپاتكان ماجىتوۋا ئەڭ ياشانغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارلامېنتقا  ۋاقىتلىق رەئىس بولدى.

ساراپاتكان ماجىتوۋا سايلانغان ئەزالارنىڭ خەلق ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشىنى تىلىدى.

دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرجان شايدابېكوۋا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەزالىق گۇۋاھنامىلىرىنى تەقدىم قىلدى.  

گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان پارلامېنت ئەزالىرى قولىنى دۆلەت ئاساسى قانۇنى كىتابىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قەسەم بەردى.

پارلامېنتقا ئاتا يۇرت قىرغىزىستان پارتىيەسىنىڭ 15، ئىشەنىم پارتىيەسىنىڭ 12، ئىنتىماك (ئىتتىپاق) پارتىيەسىنىڭ 9، ئاليانس پارتىيەسىنىڭ 7، پۈتۈن قىرغىزىستان پارتىيەسىنىڭ 6 ۋە ئىمان نۇرۇ  پارتىيەسىنىڭ 5 ئەزاسى ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 90 كىشىلىك پارلامېنتتا، 54 ئورۇننى سىياسىي پارتىيەلەر، 36 ئورۇننى مۇستەقىل كاندىداتلار ئىگىلىگەن بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىشكەكنىڭ ئىككى رايونىدا مۇستەقىل نامزاتلار رىقابەتلەشكەن سايلامنى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا يېڭىلاش قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر