ئەلىيېۋ يۆك باشلىقى ئۆزۋارنى قوبۇل قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ بارغان تۈركىيە ئالىي مائارىپ كېڭىشى-يۆك (YÖK) نىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەرول ئۆزۋارنى قوبۇل قىلدى.

1741885
ئەلىيېۋ يۆك باشلىقى ئۆزۋارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ تۈركىيە ئالىي مائارىپ كېڭىشىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەرول ئۆزۋارنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋگە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن ئەرول ئۆزۋارنىڭ، تىك ئۇچار ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرتىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھە بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن.

پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ بىلەن ئەرول ئۆزۋار مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ كېلەچىكى، ئەزەربەيجاندا تۈركىيە بىلەن ئورتاق ئۇنىۋېرستېت قۇرۇش ۋە باشقا تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئەرول ئۆزۋار كۆرۈشۈشتىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋگە ھەدىيە تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر