قاراباغدا ئەرمەنلەر ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

قاراباغدا ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 3 ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلاندى.

1733428
قاراباغدا ئەرمەنلەر ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان قوشما باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، شۇشا شەھىرىنىڭ تاشئالتى يېزىسى ئەتراپىدا، ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرى قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان تەكشۈرۈش پونكىتىغا، نوراير مىرزويان ئىسىملىك ​​ئەرمېنىيە پۇقراسى ۋە باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن «RGD-5» تىپلىق قول بومبىسى ئېتىلغان.

ھۇجۇمدا، 3 ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلانغان، ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە، ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرى قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان تەكشۈرۈش پونكىتىغا قول بومبىسىنىڭ ئېتىلىشى ۋە بىر كىشىنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشىگە دائىر كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرلار تارقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر