ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئۆزبېكىستاندىكى سايلامدا قايتىدىن غەلبە قىلغان پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ ئالدىنقى ھەپتە قەسەم بېرىپ يېڭى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەتە (2021-يىلى 11-نويابىر) چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيەدىن باشلايدىغان بولدى.

1732141
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىرزىيويېۋ 11-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدىكەن.

مىرزىيويېۋ ئىستانبۇلدا يەنە، بىر يۈرۈش ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن.

مىرزىيويېۋنىڭ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ، ئۆزبېكىستان خەلقى تەرىپىدىنمۇ ئىجابىي قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر