مىرزىيويېۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

ئۆزبېكىستاندا 24 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان شەۋكەت مىرزىيويېۋ، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

1730186
مىرزىيويېۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان قانۇن چىقىرىش مەجلىسى ۋە پارلامېنتنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان  كېڭەش پالاتاسى ئۇيۇشتۇرغان ئورتاق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، مىرزىيويېۋ ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، ھۆكۈمەت ئەزالىرى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى، دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشتى.

مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى زەينىددىن نىزامخوجايېۋ، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، پىرېزىدېنت سايلىمىدا دۆلەت مىقياسىدا جەمئىي 16 مىليون 212 مىڭ 343 سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ% 80.4 بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. ھەمدە  بەش نامزات رىقابەتلەشكەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ % 80.12 ئاۋازغا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنتلىق ئىسپاتنامەسى ۋە سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەتنى مىرزىيويېۋغا تاپشۇرۇپ بەردى.

قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن نۇتۇق سۆزلىگەن مىرزىيويېۋ،  قايتا سايلانغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزبېكىستان خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە سايلامدا غەلبە قىلىشىنىڭ، يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتنىڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ ۋە ئۆزلىرى تاللىغان يولنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشىمنى، يېڭى ئۆزبېكىستان قۇرۇش يولىدىكى سىياسىتىمىزنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىشى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر