قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرى بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنى شېھىت قىلدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندىن قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1720036
قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرى بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنى شېھىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شۇ يەر ۋاقتى 18 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا، ئافغان ھامزايېۋنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ قارالغان ھەرىكەتنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن، تۈركىيە-رۇسىيە ئورتاق كۆزىتىش مەركىزىگە تەلەپ سۇنۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مىنسكتا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئېچىۋاتقان پەيتتە قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرى پەيدا قىلغان بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ، قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان كۈشكۈرتچىلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئەرمېنىيەنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرۈشنى، 2020-يىلى 10-ئۆكتەبىر ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى ۋە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلغان قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلاردىن ھېساب سوراش ئۈچۈن ئەزەربەيجان قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا زۆرۈر قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر