تاتارىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 16 كىشى قازا قىلدى

رۇسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە پاراشۇتچىلارنى ئېلىپ ماڭغان «L-410» تىپلىق ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1717325
تاتارىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 16 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاراشۇتتچىلاردىن تەركىپ تاپقان 23 كىشىنى ئېلىپ تاتارىستاننىڭ مىنزەلە شەھىرىگە يېقىن ئايرودورومدىن ئۇچقان ئايروپىلان ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن.

ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 16 كىشى قازا قىلىپ، 7 كىشى يارىلانغان.

نەق مەيدانغا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.

ئايروپىلاننىڭ بىر ئاۋىئاتسىيە كۇلۇبىغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر