ئوكتاي قىرغىزىستاننىڭ چولپانئاتا شەھىرىدە زىيارەتتە بولماقتا

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن (2021-يىلى 11-سېنتەبىر) قىرغىزىستان زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت بىشكەكتىن كېيىن، چولپانئاتا شەھىرىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

1705645
ئوكتاي قىرغىزىستاننىڭ چولپانئاتا شەھىرىدە زىيارەتتە بولماقتا
 
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي  قىرغىزىستان زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت بىشكەكتىن كېيىن، چولپانئاتا شەھىرىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى. فۇئات ئوكتاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ئۇلارغا ھەمراھ بولدى. كېيىنكى ئۇچرىشىشلاردا بولسا، مىنىستىرلار كېڭىشى باشلىقى ئۇلۇقبېك مارىپوۋ ھەمراھ بولدى.
فۇئات ئوكتاي زىيارەت دائىرىسىدە، چىڭگىز ئايتماتوۋ رۇھ ئوردۇ مەدەنىيەت مەركىزى مۇزېيى ۋە ئىسسىق كۆلنى زىيارەت قىلدى.
بۇ يەردە قىرغىزىستان خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن فۇئات ئوكتاي، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم قىرغىزىستانغا كەلگەنلىكىنى ۋە كۆرسىتىلگەن مېھماندوستلۇقتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر