قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، قارادېڭىزدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، ئۆزى ھەم قىرغىزىستان خەلقى نامىدىن، تۈركىيەدىكى سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يوللىغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقى ۋە تەبىئىي ئاپەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەردىن ھال سورايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن دەرھال ئۆتۈشىنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىۋاتىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.