قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ رايون دۆلەتلىرى زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 82

1678756
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ رايون دۆلەتلىرى زىيارىتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان زىيارىتى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى چەت ئەل زىيارەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. جاپپاروۋ، 2021-يىلى 27-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى، 2-ئىيۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسلان قازاقىبايېۋنى ئەزەربەيجانغا ئەۋەتتى. ئەمدى بۇ زىيارەتلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىغا قىسقىچە نەزەر تاشلاپ چىقايلى.

پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ، 2021-يىلى 27-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ جاپاروفنى ئاشخاباتتا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى. تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئايرىم كۆرۈشتى. ئاندىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. تەرەپلەر 100 مىليون دوللارلىق بىرلەشمە تەرەققىيات فوندى قۇرۇش، كۈز-قىش پەسلىدە قىرغىزىستاننى تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گازى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش، بىشكەكتە تۈركمەن سودا سارىيى ۋە ئىسسىق كۆلدە تۈركمەنىستان مېھمانخانىسى سېلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. تۈركمەنىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 14 كېلىشىم ئىمزالاندى. زىيارەت دائىرىسىدە تۈركمەنىستان-قىرغىزىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلدى.

پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ، 2021-يىلى 28-ئىيۇن تۈركمەنىستاندىن تاجىكىستانغا ئۆتتى. تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان جاپپاروۋنى دۈشەنبەدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى. ئاندىن رەھبەرلەر ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇچرىشىش ئۇدا 6 سائەت داۋاملاشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن  4 كېلىشىم ئىمزالاندى.

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسلان قازاقىبايېۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى. رۇسلان قازاقبايېۋ باكۇدا ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى، باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باشقا دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئەزەربەيجان ۋە قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2021-2022-يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق پىروگراممىسى ئىمزالاندى. قازاقىبايېۋنىڭ باكۇغا پىرېزىدېنت جاپپاروۋنىڭ خېتىنى پىرېزىدېنت ئەلىيېۋغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكى، خەتنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، مەركىزىي ئاسىيا + جەنۇبىي كاۋكاز (3 + 5) ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت جاپپاروۋنىڭ تاشقى سىياسەتتە رايوندا ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە قېرىنداش، قوشنا دۆلەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە بىر گەۋدىلىشىش بولماي تۇرۇپ تەرەققىي قىلىش ۋە چوڭ كۈچلەرنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرۇش قىيىندۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنىنىڭ بۇ يىل تۈركمەنىستان ياكى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. جاپپاروۋ بىلەن بەردىممۇھەمەدوۋنىڭ بۇ مەسىلىنى ئاشخباتتا بېكىتكەنلىكىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن.

ئافغانىستاندىن كېلىدىغان بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ پەقەت رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈشى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. جاپپاروۋنىڭ چېگرادىكى توقۇنۇشقا قارىماي دۈشەنبەدە زىيارەتتە بولۇشىنى، «رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى» تەرىقىسىدە ئىزاھلاش مۇمكىن.

سادىر جاپپاروۋ ئوتتۇرىغا قويغان ئوتتۇرا ئاسىيا + جەنۇبىي كاۋكاز (3 + 5) ھەمكارلىق مۇنبىرىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى ئۇزۇن يىللار تالاش-تارتىشلارنىڭ تېمىسى بولغان ھازار دېڭىزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى مەسىلىسى ھەل قىلىندى. كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئۆزئارا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. ئەمدى، تەڭرى تاغلىرىدىن تارتىپ ئاغرى تاغلىرىغا قەدەر دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا + جەنۇبىي كاۋكاز (3 + 5) ھەمكارلىق مۇنبىرى روياپقا چىقىرىلغان تەقدىردە، مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر