فاخرەتتىن ئالتون گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىغا قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتون قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي قوشنىسى بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1676952
فاخرەتتىن ئالتون گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىغا قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاخرەتتىن ئالتون گىرېتسىيەنىڭ «كاتېمېرىنى» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق رايونلاردا مەسىلىلەرنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ۋە تىنچلىقنىڭ ھاكىم بولىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ قىبرىس مەسىلىسى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فاخرەتتىن ئالتون ئىككى خەلقنىڭ بىرلىكتە ياشاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ رىم تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىنغان كۈنى ئاخىرلاشقانلىقىنى،  لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قارىماستىن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياخشى نىيەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما ياخشى نىيەتنىڭمۇ چېكى بار، ئەمدىلىكتە بىر ئۆگزىنىڭ ئاستىدا ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھەممەيلەن كۆرمەكتە» دېدى.

فاخرەتتىن ئالتون بۇ باسقۇچتىن ئېتىبارەن، ئارالدىكى ئىككى خەلقنىڭ پەقەت ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەنلا تىنچلىق ئىچىدە ياشىيالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر بىز بۇ توقۇنۇشنى بالىلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئەڭ ئەمەلىيەتچىل ھەل قىلىش چارىسى؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي قوشنىسى بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىدۇر» دېدى.

فاخرەتتىن ئالتون بىر قىسىم گىرېتسىيە سىياسىئونلىرنىڭ رىم تەرەپ سىياسىئونلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا سەل قارايدىغان چوڭ گەپلەرنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدىغان بۇ داۋالىرىنى گىرېتسىيە خەلقىگە گويا ئاللىبۇرۇن ئۇلار ئىگە بولغان ھوقۇقتەكلا سۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ داۋالىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا تايانغان ئاساستا نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. تۈركىيەمۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھەم قىبرىس تۈركلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇندىن كېلىپ چىققان ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق پىلاننىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى يوقتۇر. ھەققەنىيەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭلاشقا رىم تەرەپتىن كۈتىدىغىنىمىز، ئەمدى يوغان گەپلەردە تەرسالىق قىلماي، رايوننىڭ بايلىقلىرىدىن بىرلىكتە،  تىنچ ئۇسۇلدا پايدىلىنىشنىڭ يوللىرىنى چۈنۈشىدۈر»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر