قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 77

1659943
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 2021-يىلى، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. پىرېزىدېنت جاپپاروۋ، 9-ئىيۇن ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئالدى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم كۆرۈشتى. ئاندىن، 5-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك، سەھىيە، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كېلىشىم ئىمزالاندى.

شۇ كۈنى، تۈركىيە – قىرغىزىستان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىسسىق كۆل مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ مىراسى بولغان ئىسسىق كۆل مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكەن يىلى بىشكەكتە چاقىرىلغانىدى.

2021-يىلى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پىرېزىدېنت جاپپاروۋ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ كېيىنچە تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى. تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار بىرلىكى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى، جاپپاروۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى. بۇ يەردە جاپپاروۋ تۈرك سودا - سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلدى. 2021 -يىلى، 8-ئاۋغۇستتىن 9-ئاۋغۇستقىچە، ئىسسىق كۆلدە، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پىرېزىدېنت جاپپاروۋ تۈرك  سودا – سانائەتچىلەرنى بۇ سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

شۇ كۈنى، سادىر جاپپاروۋ تۈركىيەدىكى قىرغىزىستان دىئاسپوراسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قىرغىزىستانلىقلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

زىيارەت دائىرىسىدە سادىر جاپاروف، تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ بىلەن كۆرۈشتى. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى كاپادوكيا سەيلىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋنىڭ زىيارىتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى. دىپلوماتىيە سىياسىتىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتىن، قىرغىزىستاننىڭ قېرىنداش تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

يېقىندا تاجىكىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇداپىئە ساھەسىدىمۇ قىرغىزىستان تۈركىيە بىلەن يېڭى كېلىشىملەرنى ئىمزالاش ۋە يېڭى مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىقتۇر. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بۇ مەسىلىنىڭ ئەنقەرەدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

قىرغىزىستان سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۈركىيە  سودا-سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار بىرلىكىگە ئوخشاش ئاكتىپ بىر ئورگانغا ئايلاندۇرۇلۇشى توغرىسىدا دائىرىلەر ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. زىيارەت دائىرىسىدە، قىرغىزىستاننىڭ چۈي رايونىدا ئورتاق سانائەت رايونى قۇرۇش مەسىلىسى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلدى.

تۈركىيە بىشكەكتە سالدۇرغان ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان قىرغىزىستان-تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشى مەسىلىسىمۇ زىيارەت جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمىگە ئاساسەن، قىرغىزىستاندا داۋالىنالمىغان بىمارلار تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈۋاتاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ بىمارلارنىڭ قىرغىزىستان-تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئالىمقادىر بەيشېنالىيېۋ، زىيارەت دائىرىسىدە  20 قىرغىز دوختۇرنىڭ تۈركىيەدە ئىككى يىل تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ كېلەر  قېتىملىق ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى قىرغىزىستان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر