قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ 9-11-ئىيۇن كۈنلىرى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1653495
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تاشقى سىياسەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داستان دۈشەكەيېۋ پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋنىڭ رەسمىي زىيارەت دائىرىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۈشەكەيېۋ ئىككى رەھبەرنىڭ تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) رامكىسىدا، ئىككى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلاردىن باشقا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا قىرغىزىستان-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئالىي كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، جاپپاروۋنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، جاپپاروۋنىڭ قىرغىزىستان-تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىدە، سودا-سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدىكى قىرغىزىستانلىقلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە پايتەخت ئەنقەرەدە پائالىيەت قىلۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر