قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 49 كىشىگە يەتتى

قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا 29 – ئاپرېلدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 49 كىشىگە يەتتى.

1632264
قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 49 كىشىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باتكەن رايونىدا، 29 – ئاپرېلدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغان قىرغىزىستان پۇقرالىرى سانىنىڭ 34 كىشىگە ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 173 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تاجىكىستان تاراتقۇلىرى، توقۇنۇشتا قازا قىلغان تاجىكىستان پۇقرالىرى سانىنىڭ 15 كە يەتكەنلىكىنى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 7 نەپىرىنىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تاجىكىستان تاراتقۇلىرى دەسلەپتە قوراللىق توقۇنۇشتا 90 غا يېقىن تاجىكىستان پۇقراسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدا سۇ تەقسىملەش تورىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە جىددىيلىك يۈز بەرگەن ۋە 29-ئاپرېلدا ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ مەسىلىگە ئارىلىشىشى بىلەن توقۇنۇش چىققان ئىدى.

توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئۆي، دۆلەت بىناسى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىشىشى نەتىجىسىدە، تەرەپلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئورۇنلىرىغا چېكىنىشى، مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر