ئامېرىكادا تۈرك جەمئىيەتلىرى «خوجالى قەتلىئامى» نى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار «خوجالى قەتلىئامى» نىڭ 29 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1591072
ئامېرىكادا تۈرك جەمئىيەتلىرى «خوجالى قەتلىئامى» نى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە -ئامېرىكا رەھبەرلىك كومىتېتى (TASC) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى شەھىرىدە، 106 ئايال ۋە 63 بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 613 پۇقرانى قەتل قىلىشى ئەيىبلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارا جەمئىيەت ئەرمېنىيە كۈچلىرى سادىر قىلغان زۇلۇم – سىتەملەر ھەققىدە خەۋەردار قىلىنىشى كېرەك، بىزمۇ بۇ يىرگىنچلىك ئۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشىمىز لازىم.»

تۈركىيە – ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى (ATAA) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ ، ئەرمېنىيە كۈچلىرى 1992-يىلى خوجالىدا يۈرگۈزگەن قەتلىئام ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن، ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنى بۇ جىنايەت سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىشى تەلەپ قىلىندى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، 1992 – يىلى، 26 – فېۋرال كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ 366-موتورلۇق پولكى بىلەن بىرلىكتە، ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، 63 بالا، 106 ئايال بولۇپ، جەمئىي  613 ئادەمنى قەتل قىلدى.

قەتلىئامدىن 76 سى بالا بولۇپ، جەمئىي 487 كىشى ئېغىر يارىلانغان ھالەتتە قۇتۇلۇپ قالدى.

ئەرمېنىيە كۈچلىرى، 1 مىڭ 275 كىشىنى ئەسىرگە ئالدى، بۇلاردىن 150 كىشىنىڭ تېخىچە ئىز – دېرىكى بولمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر