ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە تۆلەم تۆلەيدۇ
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغقا سالغان زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، تاغلىق قاراباغ ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا يارىلانغان ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى.
ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردىكى ئاھالىلەر رايونلىرى، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، تارىخىي يادىكارلىقلار، مەسچىتلەر ۋە قەبرىستانلىقلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەلىيېۋ، بۇلارغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ، خەلقئارادىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋى زىياننى ھېسابلاپ چىقىپ، ئەرمېنىيە ئۈستىدىن خەلقئارا سوتلارغا ئەرز سۇنىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا «ئەرمېنىيە تۆلەم تۆلەيدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.