قىبرىستا 18-ئۆكتەبىر ئىككىنچى سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا %50 دىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزاتلارنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئىككىنچى ئايلانمىغا قالدى.

1507136
قىبرىستا 18-ئۆكتەبىر ئىككىنچى سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 11-ئۆكتەبىر) شۇ يەر ۋاقتى 18:00 دە بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق ئاۋاز ساندۇقلىرى ئېچىلغان. نامزاتلارنىڭ ھېچبىرى %50 دىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، %32.35 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەرسىن تاتار بىلەن %29.84 ئاۋازغا ئېرىشكەن ھازىرقى جۇمھۇر رەئىس مۇستافا ئاكىنجى 2020-يىلى 18-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى ئايلانما سايلامدا رىقابەتلىشىدۇ.

بىرىنچى سايلامدا يەتتە مۇستەقىل نامزات بولۇپ، جەمئىي 11 نامزات ئۆزئارا رىقابەتلەشتى.

تىزىمغا ئېلىنغان 198 مىڭ 867 سايلىغۇچى بار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %54.72 بولدى.

تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى ئايلانما سايلام شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە بۈگۈنگىچە ئەڭ كۆپ نامزاتلار قاتناشقان سايلام بولۇپ قالدى. قىبرىس تۈرك خەلقى 1974-يىلىدىن بۇيان 10-قېتىم جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزگەن بولدى.

تۈنۈگۈن ئاۋاز تاشلىغان سايلىغۇچىلاردىن سورالغان «ئالىي سوتنىڭ سوتچىلار سانى كۆپەيتىلسىنمۇ؟» دېگەن سوئالغا، %50.19 رەت جاۋابى چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر