تۈركمەنىستان بىتەرەپ دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركمەنىستاندا «دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت» بولغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارالىق فوتوگراف كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارالىق كونفېرانس ئۆتكۈزۈلدى.

1417891
تۈركمەنىستان بىتەرەپ دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تۈركمەنىستاننىڭ «دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت» بولغانلىقىنىڭ 25 –يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق فوتوگراف كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارالىق كونفېرانس ئۆتكۈزدى.

كۆرگەزمىگە، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك فوتوگرافچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى نامايان قىلغان فوتوگرافلىرى قويۇلدى. چەت ئەللىك فوتوگرافچىلارمۇ قاتناشقان كۆرگەزمە يىغىنى، تېلېۋىزىيە يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركمەنىستان 1995-يىلى 12-دېكابىر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن «دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

تۈركمەنىستاندا بىتەرەپلىك، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى بۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا، تۈركمەنىستان خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ئىتتىپاقلارغا قاتناشمايدۇ. زېمىنىغا چەت ئەل ھەربىي بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياكى چەت ئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. بىتەرەپلىك سالاھىيتىگە تەسىر قىلىدۇ دەپ قارالغان سىياسەتلەردىن يىراق تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر