تاشكەنتتە «تۈركىيە بۇرسلىرى» تونۇشتۇرۇلدى

«تۈركىيە بۇرسلىرى» (تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى) پىروگراممىسى، ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتتە تونۇشتۇرۇلدى.

1353604
تاشكەنتتە «تۈركىيە بۇرسلىرى» تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB) ئۆزبېكستان ياشلار ئىتتىپاقى بىناسىدا «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى» پىروگراممىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا، نۇرغۇن ئۆزبېكىستان ياشلىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا، تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە مەسلىھەتچىسى داۋۇت گازىبەلى سۆز قىلدى. ي ت ب خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەت ئاتاباش «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى» پىروگراممىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەھمەت ئاتاباش 208 ئۇنىۋېرستېتى بولغان تۈركىيەنىڭ يولغا قويغان ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسىغا، 170 دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر يىلى تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان 4 مىڭغا يېقىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىرمۇ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۆزبېكستانلىق 800 ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات بېرىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۆزبېكستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئوقۇشىدا ئۇتۇق قازانغان ئۆزبېكستان ياشلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئۆزبېكستان مۇخبىرلىرى ۋە ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۆزبېكستاندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئۆزبېكستان ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى، «ئەل يۇرت ئۈمىدى» ۋەخپى ۋە ھەر قايسى ئۆزبېكستان ئۇنىۋېرستېتلىرىدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، بۇ ئۇچرىشىشلارنى كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچرىشىشلاردا، ئۆزبېكستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىگە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزبېكستان مەسئۇللىرىنىڭ مەزكۇر پىروگراممىغا قىزغىن پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى، ئۆزبېكستان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر