ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى
ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا «C5+1» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتتە ئېچىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى. قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىنگىز ئايداربېكوۋ، تاجىكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىراقىدىن مۇھرىددىن، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ ۋە ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ قاتناشتى.
ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بىلەن ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
مىنىستىرلار 2015-يىلىدا سەمەرقەنتتە باشلانغان «C5+1» ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى شەكلىنىڭ، ئۆزئارا مەنپەئەتلەرگە تايانغان ھەمكارلىقلارنى قوللاش ۋە كېڭەيتىشنىڭ، يېڭى ۋە ئۈنۈملۈك مېخانىزمى سۈپىتىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىرلار يىغىندا، «C5+1» رامكىسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىزچىل ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، قاتناش-تىرانسىپورت، مۇھىت ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ھەمكارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى سۈپىتىدە قۇرۇلغان ««C5+1» نىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپىدە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، رايونلۇق ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تۇرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.