پومپېيو ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1352257
پومپېيو ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ پايتەخت تاشكەنتتە كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مايك پومپېيو ئۆزبېكستاننىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش، مەجبۇرىي ئىشقا سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ئۆزبېكستاننىڭ مالىيە ۋە باج سىستېمىلىرىدىكى ئىسلاھاتلىرىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆزبېكستاننىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئۆزبېكستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 1 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆزبېكستان تاشقى سىياسىتىنىڭ «رايوندا ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش» قا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئوتتۇرا ئاسىيانى مۇقىم تەرەققىي قىلغان، پاراۋان ۋە ھەمكارلىق رايونى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايمىز. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رايوندىكى ھەر قانداق رىقابىتىنىڭ سىياسىي نەتىجىلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز» دېدى.

ئۇ ئۆزبېكستاننىڭ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى سىياسىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئافغانىستاندا ئامېرىكانىڭ مەۋجۇتلۇقى يىللاردىن بۇيان مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئامىل بولۇپ كەلدى. تېررورىزم، ئاشقۇنلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، تەشكىللىك جىنايەت ۋە باشقا تەھدىتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە ئۇچرىشىشلارنى قوللايمىز. تالىبان ئافغانىستان جەمئىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ۋە نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك بولغان كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىش خاتا ۋە مۇمكىن ئەمەس» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر