ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە ئايروپىلان سەپەرلىرى قايتىدىن باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان قاتناش مىنىستىرلىقى ئىران بىلەن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن (10-دېكابىر) ئىراننىڭ زاگروس ھاۋا يوللىرى شىركىتى تېھران-تاشكەنت سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۆزبېكستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى تاشكەنت ئايرودۇرۇمىدا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان مەزكۇر سەپەرنىڭ يولۇچىلىرىنى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان.
تېھران-تاشكەنت سەپىرى ھەپتىدە بىر قېتىم دۈشەنبە كۈنلىرى بولىدۇ. كېيىنچە، بۇ ئايروپىلان سەپىرى ھەپتىدە ئىككى قېتىمغا چىقىرىلىدۇ.
ئۆزبېكستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:
«ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، ئىنسانىي ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.»
ئۆزبېكستان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 2019-يىلى نويابىر ئېيىدا ئىراننىڭ زاگروس ھاۋا شىركىتىگە تېھران-تاشكەنت سەپىرىنى باشلىشىغا رۇخسەت بەرگەن ئىدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى 2016-يىلى توختىتىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.