2019 – يىللىق «تۇراز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانىۋېر داۋاملاشماقتا
ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ «2019 – يىللىق تۇراز بۈركۈتى» ناملىق قوشما مانىۋېرى ئەزەربەيجاندە داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق پىلانى دائىرىسىدە 2 – سېنتەبىر كۈنى باشلانغان ھەربىي مانىۋېرىنىڭ 4 – كۈنىدىمۇ، ئۇچۇشلار ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ماھارەتلەر كۆرسىتىلگەن.
مانىۋېرغا، ئىككى دۆلەتتىن « Mig-29»، « F-16» ۋە « Su-25 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن « CASA » ناملىق يۈك ئايروپىلانى، « Mi-35»، « Mi-17»، « Sikorski UH-70»، « CH-47 Chinook » ۋە « ATAK/AH-1W » ناملىق ئۇرۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى قاتارلىق 30 دەك ھاۋا ۋاسىتىلىرى قاتناشماقتا ئىكەن.
پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىۋاتقان ھەربىي مانىۋېر 16 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.