قازاقىستاندا ھاۋا ئارمىيەسى خەلقئارالىق ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى

قازاقىستاندا ھاۋا مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە سىستېمىلىرى تولۇق ئىشقا سېلىنغان «2019 ھەربىي ھەمكارلىق» ناملىق خەلقئارالىق ھەربىي مانىۋېر باشلاندى.

1259441
قازاقىستاندا ھاۋا ئارمىيەسى خەلقئارالىق ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى
kazakistan tatbikat.jpg
tatbikat kazakistan.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەلىرى قاتناشقان بۇ مانىۋېرنىڭ قاراگاندا ئۆلكىسىگە قاراشلىق سارىشاگان ھەربىي مانىۋېر مەيدانىدا باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانىۋېردا مەزكۇر 3 دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ھەربىي قىسىملارنىڭ راكېتا سىستېملىرى ئارقىلىق ئوق ئېتىش، كېچە ۋە كۈندۈزدە ھاۋادىن پاچاقلاپ تاشلاش ۋە باشقا تاكتېكىلارنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. 

باياناتتا، بۇ مانىۋېرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، رۇسىيەنىڭ ئاسۇلۇك ھەربىي مانىۋېر مەيدانىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر