ئەردوغان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىككى مۇھىم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئۈچ رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
1202063
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە باشقارمىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ئۆزئارا مۇناسۋەتلەردىن باشقا يەنە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.