بىشكەك قۇرۇلغانلىقىنىڭ 141 – يىللىقى تەبرىكلەندى

قىرغىزىستاننىڭ «تەڭرى تاغلىرى» نىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بىر مىليون نوپۇسقا ئىگە پايتەختى بىشكەك شەھىرى  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 141 – يىللىقى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

1192299
بىشكەك قۇرۇلغانلىقىنىڭ 141 – يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىشكەك شەھىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە «فرۇنزې» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە قىرغىز خەلقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن 1991 – يىلى «بىشكەك» كە ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى، تۈركىستاندىن خىتايغىچە سوزۇلىدىغان «يېپەك يولى» بويىدىكى قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىر قىرغىز قەھرىمانغا ئائىتتۇر.

بىشكەك شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 141 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۇدا ئىككى كۈن ھەرقايسى ناھىيەلەردە كونسېرتلار بېرىلدى، ناخشا – ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى، كۆرگەزمىلەر ئېچىلدى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شەھەردىكى «ئالاتوۋ» چوڭ مەيدانىدا يەرلىك ۋە چەت ئەل سەنئەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا بېرىلگەن كونسېرت دائىرىسىدە، بىشكەك شەھەرلىك سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا كىلاسسىك مۇزىكا نومۇرلىرى ئورۇندالدى.

كونسېرتقا، بىشكەك شەھەر باشلىقى ئەزىز سۇراقماتوۋ، ۋىلايەتلىك مەجلىس ئەزالىرى، بىيۇروكراتلار ۋە سابىق شەھەر باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلدى، ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۆزبېكىستانلىق داڭلىق ناخشىچى فارۇھ زاكىروۋ، ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان رۇسىيەلىك داڭلىق ناىشىچىلاردىن سوەدىنائنامۇ سەھنىگە چىقتى.

خەلق ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن كونسېرت ئېتىلداقلارنىڭ ئېتىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر