تۈركىيە شىركەتلىرى تاشكەنت-سەمەرقەنت تاشيولىنى ياسايدۇ

تۈرك شىركەتلىرى ئۆمىكى ئۆزبېكستاننىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە پايتەخت تاشكەنتنى سەمەرقەنتكە تۇتاشتۇرىدىغان تۇنجى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول لايىھەسىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدى.

1048727
تۈركىيە شىركەتلىرى تاشكەنت-سەمەرقەنت تاشيولىنى ياسايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان دۆلەتلىك مەبلەغ كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كومىتېتنىڭ 1-مۇئاۋىن ياردەمچىسى لازىز قۇردراروۋ جەنگىز-كولىن-كاليون تۈرك شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكستاندا ياسالماقچى بولغان تۇنجى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۆزبېكستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق ۋە دۆلەت ئورگانلىرى مۇزاكىرەگە قاتناشقان بولۇپ، تۈرك ئۆمىكى لايىھە توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى سۇنغان، ئۆزبېكستان تەرەپ لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇزاكىرەدە، تاشيول ئۆتىدىغان نۇقتىلار، تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى، يايلاق ۋە مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مەسىلىلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.

ئۆزبېكستاندىكى تۇنجى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول بولۇشى پىلان قىلىنغان تاشكەنت-سەمەرقەنت تاشيول قۇرۇلۇشى كېلىشىمىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2018-يىل ئاپرېل ئېيىدىكى ئۆزبېكستان زىيارىتىدە تۈزۈلگەنلىكى ۋە تاشيولنىڭ 2019-2020-يىللىرىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، لايىھە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەندە 4-3.5 سائەت بولغان تاشكەنت-سەمەرقەنت تاشيول مۇساپىسى ئىككى سائەتكە چۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر