شەۋكەت مىرزىيويېۋ تۈركىيەگە جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.
ئۆزبېكىستان دۆلەت روئىسى شەۋكەت مىرزىيويېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تاشكەنت زىيارىتى جەريانىدا، 30 – ئاپرىلدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.
مىرزىيويېۋدىن ئىلگىرى ئۆزبېكىستان پالاتاسى كېلىشىم تەكلىپىنى تەستىقلىغان بولۇپ، پالاتادىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ كېلىشىمنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ ھەقلىق جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن قانۇنلۇق ئاساس يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ بەك ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كېلىشىم ئەردوغاننىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سەۋىيەسىدە ئىمزالانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.