ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت ئۆزئارا مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پىرېزېدىنتلىرى ئارا مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

930595
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت ئۆزئارا مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پىرېزىدېنتلىرى ئارا مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى، ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، رايوندىكى 5 دۆلەت رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدىغان بولدى. 

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايويېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى شورومباي جەنبەكوۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەھمان ۋە تۈركمەنىستان پارلامېنتى باشلىقى ئاقچا نۇربەردىيېۋا قاتنىشىدۇ.

يىغىن، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايويېۋنىڭ ئالدىنقى يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ۋە كېيىن سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پىرېزىدېنتلىرىنىڭ قاتنىششى بىلەن بىر مەسلىھەت يىغىنى چاقىرىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر