نەزەربايېۋ، يېڭى قازاق لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئىمزالىدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش قارارىدىن كېيىن، كەسمە ئىشارىتى ئىشلىتىلگەن قازاق ئېلىپبەسىنىڭ يېڭىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

914361
نەزەربايېۋ، يېڭى قازاق لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپسىىدە ئېلان قىلىنغان قارارنامىدە، 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان، كەسمە ئىشارەتلىرى چىقىرىۋېتىلگەن ئېلىپبەنىڭ يېڭى شەكلىگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا ماقۇللانغان كەسمە ئىشارەتلىك لاتىن ئېلىپبەسى، خەلق ئارىسىدا دەتالاش پەيدا قىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئېلىپبەگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ئاپرېل ئېيىدا دۆلىتىنىڭ 2025 – يىلىغا بارغاندا تەلتۈكۈس لاتىن ئېلپبەسىگە ئۆتۈپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئۆكتەبىر ئېيىدا بولسا، لاتىن ھەرپلىرىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى قازاق ئېلىپبەسىنى ماقۇللىغانىدى.

قازاقىستان 1929 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەن، ئارقىدىن رۇسچە يېزىقتا ئىشلىتىلىدىغان كىرىل ئېلىپبەسىگە ئۆتكەنىدى.

قايتىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە بەل باغلىغان قازاقىستاندا، بۇ يىلدىن تارتىپ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ يېڭى ئېلىپبە ئاساسىدا بېسىلىشى ۋە تىل ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار بارلىق رەسمىي مۇساپىنىڭ 2025 – يىلىغىچە ئورۇندىلىپ بولۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر