قازاقىستاندا پاسپورت، كىملىك ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەر لاتىن يېزىقىدا تارقىتىلىدۇ
قازاقىستان ھۆكۈمىتى باسقۇچمۇ باسقۇچ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش قارارى ئالغان ئىدى.
892345
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا 2025 – يىلىغا قەدەر باسقۇچمۇ باسقۇچ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش پىلانىغا بىنائەن، 2021 – يىلىدىن باشلاپ پاسپورت، كىملىك ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ لاتىن يېزىقى بىلەن تارقىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا: «پاسپورت، كىملىك ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەر دۆلەت تىلىمىز بولغان قازاق تىلىدا ۋە لاتىن يېزىقى بىلەن تارقىتىلىدۇ» دېيىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، باشقا دۆلەت ئىسىملىرى، پايتەختلىرى، ئوكيانلار ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ لاتىن يېزىقى بىلەن يېزىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.