تۈركىيەنىڭ ئاشخاباد ئەلچىخانىسى يېڭى بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتىكى ئەلچىخانىسى تۈركمەنىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلەرنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى.

853425
تۈركىيەنىڭ ئاشخاباد ئەلچىخانىسى يېڭى بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ھۆججەتلەرنى تەستىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە تەييارلانغان ھۆججەت-ماتېرىياللارنىڭ تۈركمەنىستاندا كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن؛

ھۆججەت-ماتېرىياللاردىكى ئىمزا بىلەن تامغىلار، ھۆججەت-ماتېرىياللارنى تەييارلىغان ئىدارە ياكى ئورگان تەۋە بولغان ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى؛ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى بولسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنقەرە بالگاتتىكى كونسۇلخانا ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى؛ ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، ئەنقەرەدىكى تۈركمەنىستان ئەلچىخانىسى ياكى تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى ئەنقەرەدىكى تۈركمەنىستان ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئەھۋالدا، تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەستىقىغا كېرەك قالمايدىكەن.

تۈركمەنىستاندىن ئېلىنىپ، تۈركىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت-ماتېرىياللارنىڭ تەستىقلىنىش تەرتىپلىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدىكەن.

تۈركمەنىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلىرىدىن ئېلىنغان ھۆججەت-ماتېرىياللار، ئالدى بىلەن، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى؛ ئارقىدىن تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان ھۆججەت-ماتېرىياللاردىكى ئىمزا بىلەن تامغا، تۈركىيەنىڭ ئاشخابادتىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن.

تۈركمەنچە تەييارلانغان ھۆججەت-ماتېرىياللار، تۈركىيەنىڭ ئاشخاباد ئەلچىخانىسى ئېتىراپ قىلىدىغان تەرجىمە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىشى ۋە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەلچىخانىنىڭ تەستىقلىشى كېرەك ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر