نەزەربايېۋ يېڭى قازاق ئېلىپبەسى قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.

835826
نەزەربايېۋ يېڭى قازاق ئېلىپبەسى قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان كومىتېت قۇرۇلىدىكەن ۋە بۇ پىلان 2025 – يىلغىچە تەدرىيجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. قازاقىستاندا 2018 – يىلدىن باشلاپ دەرسلىك كىتابلىرى 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان يېڭى قازاق ئىلېپبەسىگە ئاساسەن بېسىلىدىكەن ھەمدە 2025 – يىلغىچە بارلىق كىتابلار، گېزىتلەر، قەرەللىك  ژۇرناللار ۋە رەسمىي ھۆججەتلەر لاتىن ئېلىپبەسى بويىچە بېسىپ تارقىتىلىىدكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر