ئاھىسكا تۈركلىرى ئانا يۇرتىغا قايتتى
يەنە ئاھىسكا تۈركلىرىدىن 176 كىشى تۈنۈگۈن كەچتە ئۇكرائىنادىن ئانا يۇرتى تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىگە قايتتى.
812229
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۈل – چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىنغان ئاھىسكا تۈركلىرى ھەم ئانا يۇرتىغا قايتىش ھەم ئىلگىرى ئەرزىنجاغا كەلتۈرۈلگەن يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدى.
كۆپ ساندىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئەرزىنجانغا يېتىپ كەلگەن ئاھىسكا تۈركلىرى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئۈزۈملۈ ناھىيەسىنىڭ بايىرباغ يېزىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرزىنجاندىكى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سانى 2 مىڭ 340 قا يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.