قىبرىس مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاكىنچى رۇم تەرەپ رەھبىرىنى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشغا مەركەزلەشكەن بىر ئاڭ بىلەن مۇزاكىرىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

738165
قىبرىس مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس مەسىلىسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا.

رۇم تەرەپ رەھبىرى نىكوس ئاناستاسيادىس مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق دېگۈدەك يېڭى شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ توسالغۇ پەيدا  قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

نىكوس ئاناستاسيادىس بۇ قېتىم بىخەتەرلىك ۋە كاپالەت مەسلىسى بىرىنچى بولۇپ، مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ھەل قىلىنغان تەقدىردە ئاندىن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاكىنچى رۇم تەرەپ رەھبىرىنىڭ زىمىن بەلگىلەش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ 2014 – يىلى 11 – فېۋرالدىكى ھەل قىلىش مۇزاكىلىرىنىڭ تۈپ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان رەھبەرلەر ئورتاق باياننامىسىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

مۇستافا ئاكىنچى رۇم تەرەپنىڭ مۇزاكىرىلەرگە خالىماسلىق پوزىتسىيەسى تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇزاكىرىلەرنىڭ دەسلەپكى 4 ماددىسىدا، يەنى «كاپالەت»، «بىخەتەرلىك»، «زېمىن بەلگىلەش» ۋە «ئىگىلىك ھوقۇقى» قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىلگىرىكى پىكىر بىرلىكىنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاكىنچى قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تەرىپىنىڭ بولسا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ تەستىقى بىلەن ھېچقانداق شەرت قويماستىن، يانۋار ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىۋېيىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى 1 - نۆۋەتلىك قىبرىس كېڭىشىدا پىلانلانغان مېتودلار دائىرىسىدە، 2 – قېتىملىق كېڭەشكە قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  رۇم تەرەپ رەھبىرىنى شەرت قويماستىن، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشغا مەركەزلەشكەن بىر ئاڭ بىلەن مۇزاكىرىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر