ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار خەلقئارالىق ئېلمىي قۇرۇلتايلاردا ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا

«خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مائارىپ ئىلىملىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر قۇرۇلتىيى»دا پىروفېسسور دوكتور ئابدۇررەشىت قارلۇق ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

623054
ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار خەلقئارالىق ئېلمىي قۇرۇلتايلاردا ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇجا ئەھمەد يەسىۋى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە خەلقئارالىق ياۋروئاسىيا مائارىپ ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا چاقىرىلغان «خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مائارىپ ئىلىملىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر قۇرۇلتىيى» 2- دېكابىردىن 4 - دېكابىرگىچە ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلدى. 

قۇرۇلتايغا تۈرك دۇنياسىدىن 180 بىلىم ئادىمى بولۇپ, جەمئىي 22 دۆلەتتىن 450 ئالىم قاتناشقاندىن سىرت, تۈركىيە ئالىي مۇئارىپ باشقارمىسى مەسئۇللىرى ۋە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتراك قىلدى.

قۇرۇلتاي 70 ئولتۇرۇشتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ, 480 بىلىم ئادىمى نۇتۇق سۆزلىدى.

تۈركىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە خەلقئارالىق ياۋروئاسىيا مائارىپ ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكى باشلىقى ئىسمائىل قونجۇق, قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1048 بىلىم ئادىمىنىڭ ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ۋە باھالاش كومىتېتىنىڭ 418 كىشىنىڭ ماقالىسىنى قوبۇل قىلىپ قالغانلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ تۈنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مائارىپ ئىلىملىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر تۈكلىرىدىن بىلىم ئادەملىرىمۇ ئىلتىماس سۇندى.

باھالاش كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىك پىروفېسسور دوكتور ئابدۇررەشىت قارلۇق ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» تېمىلىق ماقالىسىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە, ئۇنى قۇرۇلتاي جەريانىدىكى 2 ئولتۇرۇشنىڭ رىياسەتچىلىكىگە تەيىنلىدى.

 

ئۇيغۇر ئاكادېمىك پىروفېسسور دوكتور ئابدۇررەشىت قارلۇق ئەپەندى قۇرۇلتاي جەريانىدا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خۇجا ئەھمەد يەسىۋى» ئولتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن 3 - دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن «رائۇف دەنكتاش ئولتۇرىشى» غا رىياسەتچىلىك قىلدى.

پىروفېسسور دوكتور ئابدۇررەشىت قارلۇق ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرى» تېمىلىق ماقالىسى يىغىن ئىشتراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مائارىپ ئىلىملىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ, مائارىپ, بىلىم, تارىخ, دىن, ئىقتىساد, ھاكىمىيەت, كۈلتۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورتاق ئىلمىي قۇرۇلتاي ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ۋە بىردەكلىكىگە تۆھپە قوشۇش, قەلب رىشتىلىرىنى مۇستەھكەملەش, مائارىپ ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر ساھەسىدە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش, ئىلمىي خىزمەتلەر, ئىجادىيەت, تەرەققىيات, چېگرا ھالقىغان مەسىلىلەر ئۈچۈن ھەل قىلش چارىسى تېپىش, سىياسەت ۋە كۈلتۈر جەھەتتىكى يېقىنلىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا يېڭى شېرىكلىكلەرنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئويناش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر