تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەندى
1926 – يىلى چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا 1926 – يىلى چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك باكۇ تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «تۈركولوگىيە: ئىلمىي، مەدەنىي ھەرىكەتتە ئورتاق قىممەت – قاراشلار» تېمىسى ئاستىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئوخشاش بولمىغان ئەللەردىن كەلگەن 131 تۈركولوگ ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر يىغىندا، تۈرك تىلىدىكى دەتالاشلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. پەرقلىق تېمىلار بويىچە 17 ئايرىم مۇھاكىمە سورۇنىدىن تەشكىل تاپىدىغان يىغىن ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.
1926 – يىلى 26 – فېۋرالدا چاقىرىلغان، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن پىروفېسسور فۇئاد كۆپرۈلۈ بىلەن ئەلى بەي ھۈسەيىنزادە ئىشتىراك بىرىنچى نۆۋەتلىك باكۇ تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىدا تۈرك دۇنياسىدا ئورتاق ئېلىپبە، ئەدەبىي تىل ۋە تېرمىنولوگىيە مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.