قىرغىزىستان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باش ئەلچىلىرىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچىلىرىنى مىنىستىرلىققا چاقىردى.

587189
قىرغىزىستان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باش ئەلچىلىرىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچىلىرىنى ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بىخەتەرلىك ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن مىنىستىرلىققا چاقىردى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شېيلا گۋالتنېي بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روبىن ئورد-سمىتنىڭ، قىرغىزىستاندا مۇشۇ ئاي ئىچىدە يۈز بەرگۈسى بىر تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ بارلىقىنى مەزمۇن قىلغان ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ئەمىل كايكىيېۋنىڭ مەزكۇر باش ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «تەرەپلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئالدى ئېلىش خاراكتېرلىك ئۇچۇر ئورتاقلىشىش بويىچە كېلىشكەنلىكى» قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىلىرى رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئىنگلىزچە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، <قىرغىزىستاندا ئۆكتەبىر ئېيى ئىچىدە بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەنگەنلىكى> توغرىسىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر