رابىيە قادىر خانىم 4 – قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

سايلام نەتىجىسىگە بىنائەن ئۆمەر قانات، سىيىت تۈمتۈرك، ئۈمىت ئاگاھى، پەرھات مۇھەممەت ۋە ئەركىن ئەھممدوۋ  قاتارلىق رەھبەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

528274
رابىيە قادىر خانىم 4 – قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – نۆۋەتلىكقۇرۇلتىيى يىغىنىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى.

30 دىن كۆپرەك دۆلەتتىن 150 كە يېقىن ۋەكىل قاتناشقان سايلامدا، رابىيە قادىر خانىم يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن رازىمەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى تەبرىكلىدى.

ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ۋە رابىيە قادىر خانىم 4 – قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان سايلامدا، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپلارمۇ سايلاپ چىقىلدى.

سايلام نەتىجىسىگە بىنائەن ئۆمەر قانات، سىيىت تۈمتۈرك، ئۈمىت ئاگاھى، فەرھات مۇھەممەت ۋە ئەركىن ئەھمەدوۋ  قاتارلىق رەھبەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. سالامدا يەنە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت مۇئاۋىن كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

سايلامدا يەنە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت مۇئاۋىن كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر